باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇدالا سارىيىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەخسۇس مەبلەغكە ئېرىشتى

10 يىل ئىچىدە جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

2019.02.27 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىزاڭنىڭ بۇدالا سارىيى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە: دۆلىتىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ 10 يىل ئىچىدە جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇدالا سارىيىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ بۇدالا سارىيى تارىخىدا ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى مەخسۇس خىزمەتلەر ھېسابلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر بۇدالا سارىيىدا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان خەنزۇچە، زاڭزۇچە، مانجۇچە، موڭغۇلچە ۋە سانسكرىتچە دېگەندەك كۆپ خىل يېزىقلاردىكى قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ھۆججەتلىرى 40 مىڭغا يېتىدىكەن، زاڭزۇلارغا ئائىت قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ بارلىق شەكلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 يىللىرىدا، بۇددالا سارىيىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەتلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، بىر قىسىم قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۆت پارچە قەدىمكى ئەسەر توپلىمى رەتلەپ نەشىر قىلىنغان. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، بۇ قىممەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، شىزاڭ ئەسلىدىكى قەدىمكى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق نەشرىنى كىرگۈزۈش، رەتلەش ۋە رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسىنى جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات يۇرتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى قوغداش، ھەمدە قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرىدىكى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش، كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە، قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈش بىلەن زاڭزۇچە، خەنزۇچە قوش تىل ئۇچۇرلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر