باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون مۇنەۋۋەر ئايال مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

2019.02.27 17:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەن شىيۈن قاتارلىق ئون مۇنەۋۋەر ئايالغا مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىبايراقدار ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

  ئۇلار: ئۆسمىنى دەل جايىدا داۋالاش تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «نانوزىما» ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يەن شىيۈن؛ قېتىرقىنىپ تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەتتىكى قورال-ياراغنى تەجرىبە قىلىپ باھالاشتىكى كۆپ خىل قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم بازىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋۇ يىڭشيا؛ رەقەملىك كونترول پىروگرامما تۈزۈش ۋە مەشغۇلاتىغا پىششىق، يېڭى دەۋر «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنى» سەنشى ئالەم چىڭخۇا ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنە ئىشچىسى خەن لىپىڭ؛ 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل كۆرگەن، بېلىقچىلار ئۈچۈن «ھايات كېمىسى» بولغان خۇبېي ئۆلكىسى خۇڭخۇ شەھىرى بىڭخۇ ئىش باشقارمىسى بىڭدۇخۇ كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شيې ئەيئې؛ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى %30تىن % 100 كە كۆتۈرگەن مېنبا مىللىتىنىڭ «ئارزۇ قوغدىغۇچىسى» شىزاڭ ئاپتونوم رايۇنى لىنجى شەھىرى موتو ناھىيەسى ۋەنچۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گېساڭ دېجى؛ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشقان، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 160 نەچچە بالىنى ھەقسىز قۇتقۇزغان خېيلۇڭجياڭ بونېڭ مېڭە پارالىچ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ باشلىقى جيا شيۇفاڭ؛ 25 يىلدا 2000دىن ئارتۇق بالىغا خالىسانە يېتەكچىلىك قىلغان «ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچى مۇئەللىم» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى پەن يۈليەن؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىغا 30 نەچچە يىل كۆڭۈل بۆلگەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، پەرۋىش قىلىش ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى سېستىرالار باشلىقى ۋاڭ كېرۇڭ؛ ئېكولوگىيە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش «سەركىسى»، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت قۇرغان فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھىرى چاڭتىڭ ناھىيەسى سېۋۇ بازىرى نەنكېڭسۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېن تېڭشياڭ؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى يول ئاچقۇچى، تۇنجى بولۇپ «توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش باجدىن خالىي 1210 ئەندىزىسى»نى ياراتقان خېنەن ئۆلكىسى ئاممىۋى باجدىن خالىي ئىمپورت قىلىنغان ماددىي ئەشيالار مەركىزى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى شۈ پىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر