خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 91-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 24-فېۋرال ئامېرىكا لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى دولبى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، تەرجىمىھال فىلىم «بوخېمىيە راپسودىيەسى» تۆت تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئېرىشكەن مۇكاپات سانى ئەڭ كۆپ فىلىم بولۇپ قالدى. كومېدىيەلىك فىلىم «يېشىل تاشلىق كىتاب» ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. جۇڭگولۇقلار رېژىسسورلۇق قىلغان «قوزام» ۋە «قۇرۇق قول تىك قىياغا يامىشىش» ناملىق ئىككى فىلىممۇ خۇشاللىنارلىق ھالدا ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى دولبى تىياتىرخانىسىدا، «رىم» ناملىق فىلىم بىلەن ئەڭ ياخشى رىژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىكەن ئالفونسو كۇارون مۇكاپات لوڭقىسىنى نامايان قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى