باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قارا مايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپ ياۋايى ھايۋانلارنى جەلپ قىلدى

2019.02.28 19:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، لى ۋېيدۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: «10 يىل ئىلگىرى، مەن بۇ يەردە سېرىق بۈركۈت ھەققىدىكى تېمامنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا پەقەت بىر نەچچىلا جۇڭغار قۇلانى ۋە جەرەننى ئۇچرىتاتتىم، بۇ قېتىم بۇ يەردىن ئۆتكىنىمدە نەچچە يۈز جۇڭغار قۇلانى ۋە جەرەننى كۆردۈم، ئۇ كۆرۈنۈش تولىمۇ ھەيۋەتلىك!» دېدى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى، شىنجاڭ ھايۋانات ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى دىڭ پېڭ قارا مايلى تېغى تۇياقلىقلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا توپ - توپ جۇڭغار قۇلانى ۋە جەرەنلەرنى كۆرگەن ۋاقتىنى ئەسلەپ ھاياجانلىغىنىچە.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يول بويىدا جۇڭغار قۇلانى ۋە جەرەنلەرنى ئۇچرىتىشنىڭ سەۋەبى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ بۇ يەرلەردە بۇ ياۋايى ھايۋانلارغا يەم - خەشەك قويۇپ قويۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، قارا مايلى تېغى تۇياقلىقلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پرىژىۋالىسكى ئېتى، جۇڭغار قۇلانى، جەرەن قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن، بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارمۇ پات - پات پەيدا بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر