باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.02.28 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنى 27-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 171 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئارگىنالى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى ھەمدە كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇنىڭ دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا دوكلات بېرىشكە ھاۋالە قىلىندى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك) خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر