2-ئاينىڭ 27-كۈنى، تۈركىيە ۋەتەنپەرۋەرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پىرىنچىك تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات- تونۇشتۇرۇش يىغىنى 27-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 30غا يېقىن دۆلەتتىكى تەخمىنەن 50 پارتىيەدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى