باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى

[13-نۆۋەتلىك] بەشىنچى نومۇرلۇق

2019.02.28 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭشى ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا يى ليەنخوڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا فۇ زىيىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، يى ليەنخوڭ، فۇ زىيىڭنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جاڭ شىچاۋنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن بەرگەن ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جاڭ شىچاۋنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لى بىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىل لى بىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ. لى بىننىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى تەبىئىي ھالدا توختىدى.

  ھازىرغا قەدەر، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىي بار ۋەكىلى 2975 كىشى.

  بۇنى ئېلان قىلدۇق.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2019-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر