باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‏[ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىپ، يىللىق سېتىش سوممىسىنى 4 ‏مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش

2019.02.28 19:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لوياڭ فوتوسى: پارنىكتا ‏كۆكتات تېرىش يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما، پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئاز ‏ئۇچرايدۇ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1- ‏فېرمىدا، سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىشتا 20 يىلغا يېقىن تەجرىبىسى بار ليۇ خېڭچۈەن ‏پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان ‏قىسقۇچپاقىلارنى «قىشتىن ئىللىق ئۆتكۈزدى»، ھازىر، ئۇ باققان قىسقۇچپاقا، ئوستېر ‏بېلىقى قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا، يىللىق سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ‏

  ‏ ‏‏2-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارنىكتا بېلىجانلارنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقان ‏ليۇ خېڭچۈەن: «بۇلتۇر بىز باققان، قىشقا ئاتاپ ئېلىپ قويغان ئىككى توننا قىسقۇچپاقا چاغاندىن بۇرۇن ‏بازارغا سېلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، بازار ئىنكاسىمۇ ھەم ‏ئىتنايىن ياخشى، شۇڭا، كېلەر يىلى كۆپرەك بېقىشنى پىلانلىدۇق» ‏دېدى.

  ‏19 يىل ئىلگىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ‏

  ‏57 ياشلىق ليۇ خېڭچۈەن چۇڭچىڭ شەھىرىدىن، ھازىر ئالتاي شەھەرلىك ‏‏جىنيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ‏دىرېكتورى. 2000-يىلى، ئۇ ئايالى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئالتاي شەھىرى ‏دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1-فېرمىغا كېلىپ، 3800 مو كېلىدىغان سۇ ئامبىرىنى سۇ ‏مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئۈچۈن ھۆددىگە ئالدى. تەجرىبە كەمچىل، ھەم سۇ ‏مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش تېخنىكىسىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇ ئۇدا بەش يىل زىيان ‏تارتتى. ‏

  ‏2007-يىلى، ليۇ خېڭچۈەن باقىدىغان بېلىقلارنىڭ سورتىنى ئۆزگەرتىپ، ‏ئىتبېلىق، قارا بېلىق قاتارلىقلارنى باقتى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرى ‏راۋاجلاندى. ‏

  ‏«شۇنچە يىل جاپا تارتقاننىڭ نەتىجىسى ئاخىرى چىقتى، 2007-يىلى ‏ھېسابات قىلساق، ئۇ بىر يىلدا زىيان تارتماپتۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ‏ھاياجانلىنىپ كەتتۇق، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ ‏ئىشەنچكە تولدۇق» دېدى ليۇ خېڭچۈەن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ. ‏ ‏

  ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ئوغلى ۋارىسلىق قىلىش ‏

  ليۇ خېڭچۈەن تېخنىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ‏تونۇپ يېتىپ، 2013-يىلى ئوغلى ليۇ ياڭ داشۆ پۈتكۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ‏جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان داشۆسىگە بېرىپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىشنى ئۆگىنىشكە ‏ئەۋەتتى. ‏

  ليۇ ياڭ: «بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانامنىڭ جاپاسىنى ‏تولۇق بىلمەيتتىم، ھازىر بۇ كەسىپنى قىلغاندىن كېيىن، مەيلى سۇدا بېلىق تۇتۇش ‏ياكى يېتىشتۈرۈش بولسۇن، ھەر بىر ئىشنىڭ ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدىم» ‏دېدى.‏

  پارنىكتا قىشلىق قىسقۇچپاقا بېقىش ئويى تىلغا ئېلىنغاندا، ليۇ ياڭ: «ئىلگىرى ھەر ‏قېتىم قىش كەلگەندە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئارىسال ‏ۋاقتى يېتىپ كېلىدۇ، سوغۇق ھاۋادا نۇرغۇن بېلىق قىشتىن چىقالمايتتى، سوغۇقتىن ‏قورقىدىغان قىسقۇچپاقىلار سىرتتا تېخىمۇ ياشىيالمايتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‏بېلىق ۋە قىسقۇچپاقىلارنىڭ قىشتىن چىقىشىغا ۋە ئۇزاق ياشىشىغا ياردەم قىلىش ‏ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇھىت يارىتىشنى ئويلىدى. ‏

  ‏«سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بىز 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ‏كىلوگرامىنى 180 يۈەن ئەتراپىدا ساتتۇق، بازارغا سېلىنىپ بىر ئاي بولمايلا، ‏ھەممىسى سېتىلىپ بولدى»، دېدى ليۇ ياڭ، ئۇلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئالتاي شەھىرىدىكى كىشىلەر ‏سېتىۋالغاندىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ ‏كۆپلەپ زاكاز قىلدى. ‏

  يېشىل باقمىچىلىق كەسپى بەرپا قىلىش

  نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1- ‏فېرمىدا سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا، يىللىق ‏سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈنگە يەتتى، ليۇ خېڭچۈەنمۇ بارا-بارا تەجرىبىگە موللىشىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ «مۇتەخەسسىسى»گە ئايلاندى. ‏

  ‏«نۆۋەتتە بىز <يېشىل سۇ مەھسۇلاتلىرى>‏نى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلىپ، مۇزلۇق قىسقۇچپاقىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ‏سۇنۇش ئۈچۈن، دۆلەت دەرىجىلىك ساغلام باقمىچىلىق بويىچە ئۈلگە زاۋۇت ۋە فېرما ‏مۇزلۇق قىسقۇچپاقا ماركىسىغا ئىلتىماس سۇنۇۋاتىمىز» دېدى ليۇ ياڭ. ‏‎


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر