باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 19 يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ توردا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى

2019.02.28 19:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى: شىنجاڭدىكى 19 يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ توردا تىزىملىتىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مۇلازىمەت سۇپىسى» (http://www.xjzk.gov.cn)غا تىزىملىتىپ كىرىپ، ئىككى مەكتەپنى تاللاپ، ھەر بىر مەكتەپتىن بىر كەسىپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغانلار ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرى كەسپى بىرتۇتاش ئىمتىھانىنىڭ كەسپ لاياقەتلىك چېكىگە يەتكەن بولسا، ئاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالاقىدار كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرى كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ كەسپ لاياقەتلىك چېكىگە يەتمىگەنلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش ئىسپاتى قىلىپ سەنئەت تۈرى (كەسپى)گە ئارزۇ تولدۇرسا، ئارزۇسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر