باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمىگۇ دەرياسىنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ياۋا ئۆردەك، ئۇقارلار ماكانلاشتى

2019.02.28 19:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ، جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرىمىز شىمىگۇ دەرياسى ئۈچىنچى قارار دەريا بويى باغچىسىدىكى بېيشەن كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ، شىمىگۇ دەرياسىدا يۈزدەك ياۋا ئۆردەكنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى كۆردى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يېشىل باش ئۆردەك، تادورنا ئۆردىكىمۇ بار ئىدى. سەھەردە تېمپىراتۇرا سەل تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ ياۋا ئۆردەكلەرگە قىلچە تەسىر قىلمىغاندەك، گاھىدا سۇغا بېشىنى پاتۇرۇپ ئولجا ئىزدىسە، گاھىدا دەريا يۈزىدە قاناتلىرىنى قېقىپ تۆۋەن ئۇچاتتى.

  بېيشەن مەھەللىسى ئاھالىسى ۋېي سۇڭمىننىڭ ئۆيىدىن شىمىگۇ دەرياسى بويىغا بېرىشىغا بەش مىنۇتمۇ كەتمەيتتى، ئۇ پات - پات نەۋرىسىنى ياۋا ئۆردەكلەرنى كۆرسەتكىلى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەتتى.

  ۋېي سۇڭمىن مۇخبىرغا نەچچە يىل ئىلگىرى شىمىگۇ دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى، مۇھىت ئاسراش خىزمىتى تەرتىپكە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، دەريا سۈيىنىڭ سۈزۈكلىشىپ، بېلىقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، بۇلتۇر شىمىگۇ دەرياسى ئۈچىنچى قارار دەريا بويى باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ روشەن ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

  «بۇلتۇر 9-ئايلاردا، بۇ جايغا بىر قانچە ياۋا ئۆردەك ئۇچۇپ كەلدى، كەينىدىنلا ئون نەچچىسى، نەچچە ئونى ئۇچۇپ كەلدى، ھازىر بۇ جايدا 100دەك ياۋا ئۆردەك بار. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا ياۋا ئۆردەكلەر توپ-توپى بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، مۇشۇ جايدا بىر كۈن يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، ئوينىشىدۇ. بۇ جايغا ياۋا ئۆردەكلا ئەمەس، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە يەنە ئۈچ، تۆت ئۇقارمۇ ئۇچۇپ كېلىدۇ» دېدى ۋېي سۇڭمىن.

  شىمگۇ رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شىمگۇ دەرياسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، شىمىگۇ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، شىمىگۇ دەرياسى مۇھىتىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر