باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئاممىغا ھەقىقەتەن قولايلىق ياراتتى

ــــ ئاقسۇ شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدە كۆرگەن– ئاڭلىغانلىرىم

2019.02.28 19:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ رۇڭ ئاقسۇ شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى چوڭ زالىنىڭ سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونىدا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بار ئىدى، چوڭ زالدا يەنە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سودا ئىشلىرىنى تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇراتتى.

  مەركەز چوڭ زالى ئىچىدە، مۇخبىر ھەربىر قەۋەتنىڭ ھەممىسىدە يېتەكلەش-چۈشەندۈرۈش تاختىسى بارلىقىنى، ئوخشاش بولمىغان ئىش بېجىرىش مۇلازىمەت رايونىنىڭ ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى، كونكرېت ئىشلارنى بېجىرىش تەرتىپى، كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا چاپلاپ قويغانلىقىنى كۆردى.

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەركەزنىڭ چوڭ زالىدا باج ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئاممىۋى مۇلازىمەت، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش، كۆچمەس مۈلۈك سودىسىنى تىزىملاش، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىشتەك يەتتە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار رايونى تەسىس قىلىندى. ھازىر، بۇ يەرگە ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىگە ئىگە 35 ئورۇن كىرىپ ئورۇنلىشىپ، 216 كۆزنەك تەسىس قىلدى، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىدىن 383 تۈرنى بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، بىرلا ئىشىكتىن كىرىپ، بىرلا كۆزنەككە بېرىپ، بىر ئىشنى بېجىرىپ بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.

  بۇ يىل يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىتىشنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك. «مەن يەنە داۋاملىق ئۈندىدار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تىجارەت كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن.» دېدى ليۇ رۇڭ، ئۇنىڭ ئۈندىدار سودىسى قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىكەن.

  مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، ليۇ رۇڭ بېجىرىش تەرتىپىنىڭ ئىلگىرى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «مەن پەقەت مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت سۇپىسىدا كىنىشكا بېجىرىش ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلساملا بولىدىكەن، شۇنداقلا مۇشۇ ئىسپاتنى ھەم سۈرەت، كىملىك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىنىشكە- ماتېرىياللار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىلىرىنى ئېلىپ كەلسەملا، چوڭ زالدا تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرگىلى بولىدىكەن.» دېدى ليۇ رۇڭ. مۇخبىر سائەت 18دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، ليۇ رۇڭنىڭ كۆزنەكتە ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرغانلىقىنى، سائەت 18دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندىلا كۆزنەكتىن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغانلىقىنى كۆردى.

  بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ليۇ رۇڭ تىجارەت سورۇنى، قانۇنىي ۋەكىلنى ئۆزگەرتىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈچ كۈندە تۆت، بەش قېتىم قاتراپ، ئاندىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغانىدى. ئوخشاش بولمىغان ئىككى قېتىملىق ئىش بېجىرىش كەچۈرمىشىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ليۇ رۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر كىنىشكا بېجىرىشنىڭ بۇنداق تېز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەقىقەتەن ئويلىماپتىمەن. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۈندىدار سودىگىرى تەرتىپ مۇرەككەپ دەپ قارىغاچقا ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مەن تېزدىن ئۇلارغا بۇ ياخشى ئۇچۇرنى يەتكۈزىمەن».

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رايونى ۋە سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش رايونى ئاقسۇ شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى چوڭ زالى ئىچىدىكى ئادەملەر ئەڭ قايناپ كېتىدىغان ئىككى رايون. ئارزۇگۈل ئىبراھىم ئېرى بىلەن كۆزنەكتە مەبلەغ توپلاپ سېلىنغان ئۆينىڭ ئۆي- مۈلۈك كىنىشكىسىنى بېجىرىۋاتاتتى. «بىز مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىمزا قويۇپ، بارماق ئىزىمىزنى باسساقلا بولىدىكەن.» 55 ياشلىق ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: «بۇ بىزدەك ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بوپتۇ!»


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر