باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش دوكلاتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.03.01 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق دوكلاتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن بۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يوليورۇق سوراش دوكلاتى تۈزۈمى بولسا، پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى ۋە خىزمەت ئىنتىزامىدۇر، ھەمدە دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىدۇر. ئۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى ھەم ھەرىكەت بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر «نىزام»نى تۈزۈپ چىقىش بولسا، چوڭ ئىشلاردا يوليورۇق سوراش دوكلاتى خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش دوكلاتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسى پرىنسىپى، ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ «نىزام»دا بەلگىلىگەن سۇبيېكت، ئىشلار، تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە، يوليورۇق سوراش دوكلاتى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە مەركىزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتىكوملىرى) «نىزام»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن خىزمەت دوكلاتى بېرىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەمدە «نىزام»نىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز سىستېمىسى ۋە ئۆز ساھەسىدە يوليورۇق سوراش دوكلاتى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. «نىزام»نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ كەم-كۈتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش دوكلاتى نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  (تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر