باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن باجنى كېمەيتتى، تەتبىقلاش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2019.03.01 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىشلىرى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش ۋە ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار باج سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت مەشغۇلات مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا ئالاقىدار سىياسەت مەزمۇنى تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يەككە تىجارەتچى ۋە كارخانىلار قوبۇل قىلغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ باج ئېتىبار سىياسىتىدىكى تەتبىقلىنىش ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش 1 مىليارد 300 مىليون ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ قوللاش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، تۆت تارماق «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار سىياسەت مەزمۇنىنى تەڭشىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى:

  بىرىنچى، تۇتۇپ قېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش. ئىشسىز قالغىنىغا تىزىملاتقىلى يېرىم يىلدىن ئارتۇق بولغانلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلىنىغان ئائىلىلەردىكى ئەمگەك يېشىدە ئىشتىن قالغانلار، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر، يېزىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاندىكى باج تۇتۇشنى كېمەيتىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىلدا 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. كارخانىلار قوبۇل قىلغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ كېمەيتىش ئۆلچىمى ھەر بىر كىشىنىڭ يىلدا 4000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئىككىنچى، ساھە چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىلىنىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا قوبۇل قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ساھە دائىرىسى سودا كارخانىلىرى، مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانىلار، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت كارخانىسى ئىچىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش تىپىدىكى كارخانىلار ۋە مەھەللىلەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەش خاراكتېرىگە ئىگە كىچىك كارخانا ئەمەلىي گەۋدىسىدىن بارلىق قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلار ياكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرغۇچىنىڭ كارخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغىچە كېڭەيتىلىپ، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىنى بىر تۇتاش باج ئېتىبار سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە يەككە تىجارەتچى ۋە كارخانىلار قوبۇل قىلغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ باج ئېتىبار سىياسىتىدىكى تەتبىقلىنىش ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر