باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمەت دوكلاتى بەردى

2019.03.01 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ھەر يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بېرىدۇ. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى. شى جىنپىڭ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى مەڭگۈ قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن پۇختا خىزمەت قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پاك-تەلەپچان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇشى لازىم.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر يىلدىن بۇيانقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتىنى ئەستايىدىل يازدى. خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتى قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ۋە ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىلى سىڭدۈرۈلۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە تونۇش-تەسىراتى، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ياخشىلاش تەدبىرى، يەنە خىزمەت پىلانى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر