باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىيانشان تېغىدا قىش پەسىللىك يىلپىز تەكشۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2019.02.28 19:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان يىلپىزنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيالى). 2018-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى(WWF) بىلەن يىلپىز قوغداش تۈرى بويىچە ھەمكارلىشىپ، تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىخو شۆبە ئىدارىسى تەۋەلىك رايون دائىرىسىدە قىش پەسىللىك يىلپىز كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

  تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىخو شۆبە ئىدارىسى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى ئون كىلومېتىر بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئورمىنى رايونىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىلپىز تۈرى شىخودا كۆپ قېتىم تەربىيەلەش ۋە دالا ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىخو شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش- قوغداش خادىملىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان خىزمەت كوللېكتىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 60 ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورۇنلاشتۇردى، قاپلاش دائىرىسى تەخمىنەن 550 كىۋادرات كىلومېتىر بولدى.

  بۇ قېتىمقى قىش پەسىللىك تەكشۈرۈشتە، خىزمەتچى خادىملار كۆپ قېتىم يىلپىزنىڭ يېڭى ئىزلىرى، كولىغان ئورىكى ۋە قىغلىرىنى بايقىدى. يىغىۋېلىنغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق 25 فوتو ئاپپاراتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 21 فوتو ئاپپارات يىلپىز سۈرىتىنى 94 قېتىم تارتقان بولۇپ، جەمئىي 417 پارچە سۈرەت ۋە سىن بار. يىلپىزدىن باشقا، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتلار بۆرە، قىزىل تۈلكە، تاغ ئۆچكىسى، بۇلغۇن، بۇغا قاتارلىق تىيانشان تېغىدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇن سۈرەت ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىگەن. خىزمەتچى خادىملار يەنە دالىدا كۆپ قېتىم يىلپىزنىڭ مۇھىم ئوزۇقى بولغان ئارقارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرگەن، بۇ، شىخو شۆبە ئىدارىسىنىڭ يىلپىز ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتلار يەنە كۆپ قېتىم يىلپىزنىڭ تۆۋەن دېڭىز يۈزى ئورمان رايونىدا ھەرىكەت قىلغان سۈرەتلىرىنى تارتقان، ھالبۇكى، ئىلىم- پەن ساھەسىدە ئادەتتە يىلپىز ئېگىز تاغلاردىكى ئوچۇق جىنىس، ئوتلاق ۋە شالاڭ ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

  دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىلپىز تۈرى دىرېكتورى خې بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يىلپىزنىڭ ئورمان رايونىدا پەيدا بولۇشى ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە ئاندا- ساندا خاتىرىلەنگەن، لېكىن كۆپىنچىسى ئورمان لىنىيەسى ئەتراپىدا بولۇپ، تىيانشان تېغىدىكىگە ئوخشاش بۇنداق قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ياشاش خاتىرىسى بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. بىز سىجىل ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ، يىلپىزنىڭ تىيانشان تېغىدىكى ياشاش ئورنىدىن پايدىلىنىش ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىگە ياردەملىشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر