باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش « ئىككى تور» قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى

2019.03.01 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

  2019-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھازىرقى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش «ئىككى تور» نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئالتۇن ۋىۋىسكىسىنى ياراتتى.

  «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەمىنات سودا كوپىراتىپلىرى مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن بولغان مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسپىنى تۇتاشتۇرۇپ، سېتىش تور نۇقتىلىرى، ئامباردا ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇزاققىچە، مۇقىم سېتىش يولى ۋە تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى. داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئالتۇن ۋىۋىسكىسىنى يارىتىش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلاردىكى سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

  بۇلتۇر، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا ساقلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش مەركەزلەشتۈرۈپ تەقسىملەش مەركىزىدىن 5دە ئىش باشلاندى، قوشۇۋېتىش، يېڭىدىن بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە مەھەللىلەردىكى خام، يېڭى پارچە سېتىش دۇكىنى 303 كە يەتتى، سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرىدىكى مەخسۇس پۇكەيدىن 2000 نى، زەنجىرسىمان سېتىش يولىدىن 13 مىڭنى ئاچتى. پۈتۈن يىلدا سېتىۋېلىنغان، سېتىلغان، سودىلاشقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 950 مىڭ توننىدىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر