باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ»

− چەتئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىنىشىغا ئىجابىي باھالارنى بەردى

2019.03.01 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ خەيلىن ۋە جاڭ پېڭخۈينىڭ خەۋىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 27- كۈنى، «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى __ ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلىيىتى» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. 30 دۆلەتتىكى 50 پارتىيەنىڭ تەخمىنەن 200دىن ئارتۇق خادىمى چەتئەللىك مېھمان سۈپىتىدە كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان كادىرلار ۋە يەرلىك ئامما بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقاندىن كېيىن، ئۇلار جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي تۈردە چۈشەندى. يىغىندىن ئىلگىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان گۇيۇەنگاڭ مەھەللىسىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى، ياڭخاڭ مەسچىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ھاياجانلانغان ھالدا، «جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدىكەن»، دېيىشتى.

  تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلىشىدىكى ئۇل تاش، ھەم شۇنداقلا بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى.

  قىسمەن غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ھاقارەتلەپ تاراتقان يالغان خەۋەرلىرىگە قارىتا، ئىئوردانىيەنىڭ ئەرەب بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى دوستلۇق يازغۇچىسى ۋە ئاخبارات تاراتقۇ ئەربابلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەرۋان سۇداھا خەلق گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەرەبلەردە مۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بار، يەنى، «رېئاللىق ئەڭ ئېنىق تەسۋىردۇر». مەن شىنجاڭغا كېلىپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم–كېچەكلىرىنى چىرايلىق كىيىشىپ يۈرگىنىنى، ئۆزىنىڭ مىللەت تىلىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى، چىرايىدىن خۇشاللىق تەبەسسۇمى چىقىپ تۇرغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇنىڭ ئەسلىدە غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتقىنى بىلەن ناھايىتى زور پەرقى بار ئىكەن.»

  ۋېيتنام كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رۈەن لەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئەڭ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە رايۇنلارنىڭ بىرى قىلىپ چىقىپتۇ. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىكەن.»

  رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئالىكسېيۋ لېسكىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىكەن.» رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

  تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي ئاچقۇچى. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  پېرۇ كومپارتىيەسى (ئىتتىپاق) باش شۇجىسى لويس بىللانۇئېۋا نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپتۇ.» جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان تەرەققىيات يولىنى ئىزدەپتۇ.

  مىسىرنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى سەييىد مۇھەممەد شېرىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، تايىنىدىغىنى دەل تەرەققىياتتۇر، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ھازىر غەربكە ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆزنەك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر