باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدۇ

بېيجىڭ ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ۋە بىر يۈرۈش كۆرسەتكۈچ سېستىمىنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان يەككە ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى جەھەتتە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ئاكتىپ ھەل قىلىدۇ

2019.03.01 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان يەككە ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ۋە بىر يۈرۈش كۆرسەتكۈچ سېستىمىنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان يەككە ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدىكەن.

  بۇ تەدبىرلەر ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك سۇپىسى قۇرۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى تەسىس قىلىش؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلار پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش؛ ناچار مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى قۇرۇپ، زاپاس مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش؛ بېرىلگەن قەرزنىڭ قەرز ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ مېخانىزم ئورونلاشتۇرۇشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قەرزنى توختاتماسلىق، قەرزنى بېسىۋالماسلىق، قەرزنى ئۈزۈپ قويماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش؛ ئۇچۇر جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قەرەللىك تەشكىللەش. ئۇندىن باشقا، بېيجىڭ شەھىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان يەككە ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىنى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى جەھەتتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ئاكتىپ ھەل قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر