باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېگىرىيە زۇڭتۇڭى بۇھارى داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، ئۇ ئۈچ خىرسقا دۇچ كەلدى

2019.03.01 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېگىرىيە دۆلەتلىك مۇستەقىل سايلام كومىتېتى تۆنۈگۈن: ھازىرقى زۇڭتۇڭ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ پارتىيە نامزاتى بۇھارىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ، نېگىرىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇھارىنىڭ داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى ئاممىنىڭ ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، يېڭى ۋەزىپە مۇددىتىدە ئۇ ئىقتىساد، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردە خىرسقا دۇچ كېلىدۇ.

  نېگىرىيە ئىقتىسادى 2016-يىلى خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبلىك چېكىنگەن ئىدى، تاكى 2017-يىلى 2-پەسىلگە كەلگەندە ئاندىن چېكىنىشتىن قۇتۇلدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى نېگىرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1.93 ئېشىپ، ئىقتسىادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى رۇشەن بولدى.

  نېگىرىيە ئىقتىسادى ئۇزاق مۇددەت نېفىت كەسىپىگە ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ كەلدى. ئەمما، مەزكۈر دۆلەتنىڭ ئۆتكەن يىلقى ئىقتىسادتىكى يارقىن نۇقتىسى نېفىتتىن باشقا كەسىپتە كۆرۈلۈپ، پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىسبىتى %2 بولدى، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، نېفىت كەسىپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %1.14 لا بولدى، نېفىتتىن باشقا كەسىپلەر ئىچىدە، ئېشىش ۋەزىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى تىرانسىپورت، زاپاس ساقلاش، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىقلار.

  نېگىرىيەنىڭ خامچوت ۋە دۆلەت پىلانى مىنىستىرى ئۇدوما تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى جەھەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق راۋاجلانسا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنىڭ توغرا يولغا ماڭغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2014-يىلدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا نېگىرىيە ئىقتىسادى نۇرغۇن يىل ئوتتۇرا ھىساب بىلەن %5 لىك ئېشىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى، نۆۋەتتە ئېشىش يەنىلا يېتەرسىز بولماقتا. بۇھارى يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە نېفىت كەسىپىگە بولغان تايىنىشنى تەدرىجىي ئازايتىپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىقتسىادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، يېزا-ئىگىلىكى، ياسىمىچىلىققا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېگىرىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىدى. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئىشسىزلىق نىسبىتى 2015-يىلىنىڭ 3-پەسلىدىكى %9.9 تىن 2018-يىلىنىڭ 3-پەسلىگە كەلگەندە %23.1 كە يەتتى، ئىشسىز نوپۇس 21 مىليونغا يەتتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە 15 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياش نوپۇسنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 2015-يىلىنىڭ 3-پەسلىدىكى %13.7 تىن 2018-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %29.7 كە ئۆرلىدى.

  جامائەت پىكىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نېگىرىيە دۇچ كېلىۋاتقان بىر گەۋدىلىك مەسىلە، بۇ نامراتلىق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن ئىشسىز قالغان ياشلار جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەمسىزلىك ئامىلىغا ئايلىنىدۇ.

  بۇھارى بۇنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇپ يەتتى. ئۇسايلام رىقابىتى پروگراممىسىدا، ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىمەن دەپ ۋەدە بەردى. ئۇ كەلگۈسى تۆت يىلدا ياشلارنى ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ھەمدە يېزا-ئىگىلىكى، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىش ئورنىنى يارىتىشنى پىلانلىدى.

  بۇھارى خەۋپسىزلىك جەھەتتە، تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللاندى.نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ئەسەبىي تەشكىلات«بوككو ھەرەم» گە زەربە بېرىش جەھەتتە باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ نېگىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بارلىق ئۇزاق مۈددەتلىك تۇرالغۇسىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلىدى. جەنۇبتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇپ تاشلىغان شۇ جايدىكى قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن خاتىرجەم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، نېفىت مەھسۇلاتى ۋە ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بىراق، نۆۋەتتىكى نېگىرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، پارچىلىنىپ كەتكەن«بوككو ھەرەم» تەشكىلاتىنىڭ ئامما ۋە ھەربىي نىشانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى قوزغاش ئىقتىدارى يەنە بار. ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ، زور ئۆلۈم يېتىم پەيدا قىلماقتا.

  بۇنىڭدىن باشقا، نېگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بايلىق تالىشىش ۋە باشقا ئامىللاردىن پەيدا بولغان دېھقان چارۋىچىلار توقۇنۇشى يەنىلا ئۇزاق مۈددەت مەۋجۈت بولماقتا. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئوتتۇرا شىمالى قىسىمدىكى كادۇنا شتاتىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 130 كىشى قازا قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نېگىرىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىسى ئۇزۇندىن قالغان مەسىلە ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ئىقتىسادنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ياشلارنىڭ ئەسەبىيزىمنىڭ قايمۇقتۇرۇشقا ئۇچراش ئىھتىمالىنى تۆۋەنلىتىشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمان قىلىپ، مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇھارىنىڭ پارتىيەلەر ئارا ئىختىلاپنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشىمۇ زور سىناق. بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام جەريانى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئەمما سايلام ئاپپاراتى بۇھارىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە خەلق دېمۇكىراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى ئاخىرقى سايلام نەتىجىسى ھۆججىتىگە ئىمزا قويدى، بۇ بۇھارىنىڭ كەلگۈسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە خىرس پەيدا قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر