باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان بىلەن پاكىستان بىربىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتتى

2019.03.01 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى توقۇنۇشى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەۋجىگە چىقتى، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتۇق، دېدى، ئەمما ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئۆز گېپىنى يورغىلاتتى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە ئارمىيە دائىرلىرى پاكىستاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىدى، نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە سودىگەرلىرى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە قاراتقان مۇلازىمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى، ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چافور 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھىندىستاننىڭ بىر كۈن بۇرۇنقى قىلمىشلىرىغا «ئىنكاس قايتۇرۇش» ئۈچۈن ئەتىگەندە ھىندىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى كەينىدىن ئەمەلىي كونتىرول سىزىقىدىن ئۆتۈۋېدى، «پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكى»دە ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلدى. بىر ئايروپىلان كەشمىرگە، يەنە بىرى ھىندىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىرگە چۈشتى. پاكىستاننىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى ھىندىستاننىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىنى قولغا ئالدى.

  چافۇر مۇخبىرلار يىغىنىدا پاكىستان قۇرۇقلۇق قىسمى ئولجا ئالغان ھىندىستاننىڭ قورال-ياراغلىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى كۆرسەتتى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ تىۋېتتىردا ئېلان قىلغان ۋىدېيودا ھىندىستاننىڭ بىر ئۇچقۇچىسى يەردە ياتاتتى، يۈز-كۆزى قانغا بويالغان ئىدى.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى كۇمار 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە: ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا قاراتقان ھاۋا زەربىسىنى «مەغلۇب قىلدى»، پاكىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتتى. «ھاۋادىكى تۇتۇشۇش»تا مىگى-21تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىمىزغا زىيان بولدى، بىر ئۇچقۇچىمىز يوقاپ كەتتى. پاكىستان بۇ ئۇچقۇچىنى قولغا ئالدۇق، دېدى، بىز بۇ ئىشنى «تەكشۈرىۋاتىمىز»، دېدى.

  ھىندىستان 2-ئاينىڭ 26-كۈنى پاكىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى «مۇھەممەد ئارمىيەسى»نىڭ بىر لاگېرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدۇق، تەخمىنەن 300 قوراللىق ئۇنسۇر جېنىدىن ئايرىلدى، دېدى. پاكىستان ھىندىستاننىڭ بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ، ھىندىستان پاكىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بىر قىسىم يۈك-تاقىلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى، ئۈلۈم-يىتىم بولمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەڭ يېڭى ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، پاكىستان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بارلىق سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا پاكىستاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشنى قاچان ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تىلغا ئالمىدى. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى: ئارمىيە «مۇھىت» سەۋەبىدىن ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقاش قارارىنى چىقاردى، دېدى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستان خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان بارلىق ئاۋىياتسىيە سودىگەرلىرىگە يېڭى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋالغىچە پاكىستاندىكى تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئېيتقان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى، قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئەتىخات ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن تىجارەت سودىگەرلىرى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى پاكىستانغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي ھاۋا تەۋەلىكى ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرىغان، بەزى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ھىندىستاننىڭ غەربى ياكى جەنۇبىغا ئۇچقان.

  نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە تىجارىتى سودىگەرلىرى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاز دېگەندە ئالتە شەھەرگە قاراتقان مۇلازىمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە تىجارەت سودىگىرى ئىندىگو ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خۇسۇسىي ئاۋىياتسىيە كارخانىسى جېت ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار تىۋېتتىردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: ھاۋا تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئايرودرومنى تاقاش سەۋەبلىك ئامرىتسار، چاندىگار قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تەسىرگە ئۇچرىدى، دېدى.

  ھىندىستان ئەمەلدارى باشىرخان 2-ئاينىڭ 27-كۈنى جەزىملەشتۈرۈپ: ھىندىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەر سرىناگاردىكى ئايرودروم تاقالدى، دېدى. ھىندىستان مەتبۇئات تىرىستىنىڭ خەۋىرىدە: ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى پەنجاپتىكى پاكىستانغا يېقىن ئىككى ئايرودروم تەڭلا تاقالدى، دېيىلدى.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋەقە ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن تەرەپلەر سۆزلىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستان بىلەن سۆزلىشىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇپ، توقۇنۇشنى پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىمرانخان مۇنداق دېدى: تارىخ بىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى، ئۇرۇش خاتا ھۆكۈمگە تولغا بولىدۇ. مېنىڭ شۇنى سورىغۇم بار: ھازىرقى قورال-ياراغلىرىمىز بىلەن، بىز خاتا ھۆكۈمگە بەردشلىق بېرەلەيمىزمۇ-يوق، بىز ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشىمىز كېرەك.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇغرىنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئۆزىنى بەك بېسىۋېلىپ، توقۇنۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو ھىندىستان 2-ئاينىڭ 26-كۈنى پاكىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى» ھەرىكەت قىلدۇق دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، بىۋاسىتە سۆزلىشىپ، يەنە «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەربىي ھەرىكەت» قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر