باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

ۋاڭ ياڭ يوقلاشتا بىرگە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2019.03.05 15:33   مەنبە: خەلق تورى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  ■ يېڭى دەۋر مەشھۇر يازغۇچى، سەنئەتچى، نەزەرىيىچىلەرنى چاقىرماقتا، بەدىئىي ئىجادىيەت، ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز كەڭ بوشلۇققا ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ■بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى يىلتىز تارتقۇزۇپ، روھ بەرپا قىلىش خىزمىتىدۇر، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ■ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى پۈتۈش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر تېمىسىغا دادىل جاۋاب قايتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدىن ئىجادىيەت باش تېمىسىنى بايقاپ، ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئېرىشىپ، دەۋرىمىزدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ، بۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى خەرىتىسىنى سىزىپ، دەۋرنىڭ رەسساملىرى، دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىلىرى، دەۋرنىڭ ئەخلاق تەشەببۇسچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتناشقان مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر مەشھۇر يازغۇچى، سەنئەتچى، نەزەرىيىچىلەرنى چاقىرماقتا، بەدىئىي ئىجادىيەت، ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز كەڭ بوشلۇققا ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق كەيپىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشتا بىرگە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، تيەن چىنشىن، دېڭ چۈندۇڭ، چېن لى، ۋاڭ شۆدىيەن، ۋاڭ چۈنفا، لى داجىن، فېڭ يۈەنجېڭ، لى چيەنگۇاڭ قاتارلىق سەككىز ئەزا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، خەلق ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، مۇزېينىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئەزالار، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىل قالتىس بىر يىل بولدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى داۋاملىق ئېشىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭغا بۇ يەردە ئولتۇرغان يولداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر