باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.03.05 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتە 2975 ۋەكىلى بار بولۇپ، 3-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، ئۇ ۋەكىللەردىن 2956 ۋەكىل يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغاتىزىمغا ئالدۇردى. 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2932 ئادەم قاتناشتى، 43 ئادەم قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى، دەپ جاكارلىدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆت ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ، بۇ يىغىننى چوقۇم دېموكراتىك ھالدا، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل بولغان ۋە باتۇرانە ئالغا باسىدىغان ھالدىكى بىر يىغىن قىلىپ ئېچىشتىن ئىبارەت؛ ھەمدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭىچە تۆھپىلەرنى قوشۇشقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.

  تەيارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 176 ئادەمدىن تەركىب تاپتى، ۋاڭ چېن يىغىننىڭ باش كاتىپى بولدى.

  ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلىدۇ، 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتلار تەكشۈرۈلىدۇ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2018-يىللىق خامچوتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ2019-يىللىق خامچوتلىرىنىڭ لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلاتلار تەكشۈرۈلىدۇ، ھەمدە چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئائىت قانۇننىڭ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئۈچۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپىگە قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر