باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ساغلاملىق جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى زور بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى

راك كېسەللىكىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر تىزگىنلەش تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ، ۋاكسىنا دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ

2019.03.06 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. مۇخبىرنىڭ دوكلاتنى رەتلەپ كۆرۈشىدىن قارىغاندا، 2019-يىلى تۆۋەندىكى ئىشلار قىلىنىدىكەن: «ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش»، دۆلەت خەلق ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، داۋالاش- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا پايدىلىق ئىشلار كۆپ ئىشلىنىدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، داۋاملىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە ياردەم ئۆلچىمى 30 يۈەن كۆپەيتىلىپ، يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى چىقىم چېكى تۆۋەنلىتىلىپ ھەم بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50 تىن %60 كە كۆتۈرۈلۈپ، ئېغىر كېسەل بىمارلىرى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىدۇ.

  ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشتە، راك كېسەللىكى مىليونلىغان ئائىلىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان رېئاللىققا قارىتا، راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق تەسىراتى كۈچەپ پەسەيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما كېسەللىكلەر مۇداپىئەسى ياخشى ئىشلىنىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىپ داۋالىنىشى سۇغۇرتىدا ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  دوكلاتتا، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تېزدىن باشقا جايدا داۋالىنىدىغان بىمارلارنىڭ بارلىق نۇقتىلىق دوختۇرخانىلاردا كارتا ئارقىلىق كېسەل كۆرسىتىشى، ئۆز ۋاقتىدا راسچوت قىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ھەقىقىي قولايلىق ھالدا كۆچمە ئاھالە بىلەن بىللە كۆچكەن ياشانغانلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى تېزدىن بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىگە بېرىلىدىغان مالىيە تولۇقلىما خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى كەنت ۋە مەھەللىگە ئىشلىتىش، چوقۇم ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. جۇڭيى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كەسپى داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دورا، ۋاكسىنىنى پۈتۈن جەرياندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغۇچىلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق مۇداپىئە سېپى قەتئىي ساقلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر