باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇساپىرلارنى كېلىشىم بىلەن قۇبۇل قىلىشىنىڭ ئۈنۈمى ئاجىز بولدى، يېرىم يىلدا 11 كىشىلا قايتۇرۇلدى

2019.03.05 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2018-يىلى ياز پەسلىدە ئىسپانىيە، گرېتسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن «ئىككى قېتىملىق كۆچمەن»نى قايتۇرۇش ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىنى جاكارلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېرىشكەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە، 11 كىشىلا يۇقارقى كېلىشىم بويىچە قايتۇرۇلغان.

  ئاتالمىش « ئىككى قېتىملىق كۆچمەن» دېگىنىمىز تۇنجى بارغان ياۋروپا دۆلىتىدە پاناھلىنىشىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە بېرىپ پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. «دۇبىلىن ئەھدىنامىسى» گە ئاساسەن، مۇساپىرلار يېتىپ بارغان تۇنجى دۆلەتنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

  2018-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بىرلەشمە ئىتتىپاق پارتىيەسى ئىچىدىكى خىرىستىئان دېمۇكىراتلار ئىتتىپاقى بىلەن خىرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ماجراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گرېتسىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن «ئىككى قېتىملىق كۆچمەنلەرنى» قايتۇرۇش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭدا گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيە چېگرىسىدا قولغا چۈشكەن، گرېتسىيە ياكى ئىسپانىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان مۇساپىرلار گرېتسىيە ياكى ئىسپانىيەگە قايتۇرۇلسا بولىدۇ، ئالماشتۇرۇش سۈپىتىدە، گېرمانىيە ھەر بىر كىشىنى قايتۇرغاندا، مەنزىل دۆلەتتىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن قۇتقۇزۋېلىنغان يېڭى بىر مۇساپىرنى قۇبۇل قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 9-ئايدا، گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زېخوفېر ئىتالىيە بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ئىتالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ كەلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، گېرمانىيە ئاگېنتلىقى بىلەن گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلار گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيە توققۇز كىشىنى گرېتسىيەگە، ئىككى كىشىنى ئىسپانىيەگە قايتۇرغان. يۇقارقى ۋەزىيەتكە قارىتا گېرمانىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: يۇقارقى كېلىشىم گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيە چېگرىسىدا گېرمانىيە فىدىراتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن «ئىككى قېتىملىق كۆچمەن» گە چېتىشلىق بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەگە بېرىپ پاناھلىق ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  گەرچە، 2015-يىلى ياز پەسلىد يۈز بەرگەن مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ تەدرىجىي يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيەگە بارىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر يەنىلا كۆپ بولدى. ياۋروپا چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى جەمئىي 150 مىڭ ئادەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قانۇنسىز كىرگەن، مۇساپىرلار كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى 2013-يىلىدىكى 107 مىڭ ۋە 2012-يىلىدىكى 72 مىڭلىق سەۋىيەدىن يەنىلا رۇشەن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيەدە ئۆتكەن يىلى 162 مىڭ ئادەم يېڭىدىن پاناھلىق ئىلتىماسى سۇندى. بۇ سان ھەر قانداق بىر ياۋروپا دۆلىتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇساپىرلارنىڭ دەسلەپكى مەنزىلى ئىسپانىيە، گرېتسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ يىغىندىسىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر