- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى گاۋشيوڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى خەن گويۈنىڭ ئۆمەك باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى
2019.03.05 15:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن 4-مارت سورالغان سوئالغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: گاۋشيوڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى خەن گويۈ 3- ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە گاۋشيوڭ شەھىرى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، شېنجېن، شيامېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. بىز «92-يىللىق ئورتاق تۇنۇش»تا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، ئىككى قىرغاقتىكى شەھەرلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتى، بەخت-سائادىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى قارشى ئالىمىز ۋە قوللايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر