باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دىڭ خوڭسو: «ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى»دە بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىنى يۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، دېدى

2019.03.05 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دىڭ خوڭسو خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلىمىزدە «ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، 2019-يىلى ئۈچ يىل بولدى، لېكىن «تۇغۇشنى خالىماسلىق» نۇقتىئىنەزەرلىرى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.

  «بىزنىڭ زاۋۇتتا نۇرغۇن ئايال ئىشچى بار، لېكىن ئىككىنچى پەرزەنتنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس». دىڭ خوڭسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى تېخى تازا مۇكەممەل ئەمەس، بولۇپمۇ نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن كىم بېقىش بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. «ئاتا-ئانىلار باقىدۇ دېسەك، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككەيلەن خىزمەتچى بولغاچقا، قاراشقا ۋاقتى يوق؛ چوڭلارغا باقتۇرايلى دېسە، بەزى چوڭلار ياشىنىپ قالغان ياكى پەرزەنتلەر بىلەن بىللە تۇرمايدۇ».

  دىڭ خوڭسو: «نۇرغۇن ئائىلىلەر ئامالسىز بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىپ، بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزىدۇ، بالا باققۇچىلارنىڭ مائاشى يۇقىرى، ئەمما مۇلازىمىتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ناتايىن». ئورۇنلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى مۇقىم، ئەگەر ئاتا-ئانىلاردىن بىر تەرەپ قۇربانلىق بېرىپ، ئىستىپا بېرىپ ئۆيدە بالىغا قارىسا، كۆپ يىللىق كەسپىي تەرەققىياتى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولىدۇ، دېدى. دىڭ خوڭسو نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار جامائەت پەرۋىش مۇلازىمىتىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «تۇغۇشنى خالاش، تۇغۇشقا جۈرئەت قىلىش، تۇغالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىپى بەردى.

  نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. دىڭ خوڭسو ئۆزىنىڭ بۇ يىل «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش»قا ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر