باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، مۇخبىر شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى زىيارەت قىلدى

«ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇش

2019.03.04 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يەنە بىر يىلنىڭ ئەتىياز پەسلى كەلدى.

  «كۆپچىلىكنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزام يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىلدىكى <ئەزالار تاپشۇرۇقى>نى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كېلەر يىلى يىغىن ئېچىلغان ۋاقىتتا، ياخشى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىش دوكلاتىنى تاپشۇرغان بولىدۇ.»، بۇلتۇر 3-ئايدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا ئەزالارغا شۇنداق تەلەپ قويغانىدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قانچە ئەزاسىنى زىيارەت قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر بىر تەكلىپنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى يېزىپ، پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاپ، زۆرۈرلىكى، تەلىپىنى يىغىنغا ئېلىپ كېلىپ، <ئەزالار تاپشۇرۇقى>نى ياخشى ئىشلەپ، قالتىس نەتىجىلەرنى تاپشۇرىمىز.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تاپشۇرۇق تاپشۇرىمىز

  2-چېسلا سائەت 11 دە، مۇخبىر ئەزا يۈ مېينىڭ ياتىقىغا كەلدى، ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسىغا چىقىپ، ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش جەدۋىلىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ بۇ بىر يىلدىكى تور بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشىش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش،.. دېگەندەك <ئەزالار مەشغۇلاتى>نى مۇخبىرغا كۆرسەتتى.

  ئەزا يۈ مېي «ئەزالار مەشغۇلاتى»نى بەك ئەستايىدىل يازدى. بۇ يىل، ئۇ ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلەر ئىچىدە، ساغلام كۈتۈنۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر نۇسخا تەكلىپ بار ئىدى. «ئۇزاق مۇددەت داۋالاش - ساقلىق ساقلاش كەسپىدە خىزمەت قىلغاچقا، مەن كۈتۈنۈش جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە ئىزچىل ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. بۇلتۇر، مەن ئالايىتەن قىسمەن ساناتورىيە، ساغلاملىق كۈتۈنۈش بازىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم.» يۈ مېي مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تەكلىپىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى شۇكى، كۈتۈنۈش كەسپىدىكى ساھە ئۆلچىمىنى بېكىتىشتۇر.

  بۇ يىل بېيجىڭغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشتا، ئەزا پەن شياۋيەنمۇ ياخشى بىر تاپشۇرۇق دوكلاتىنى تەييارلىدى، يەنى ئۇ دۆلەتنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللىشى توغرىسىدا تەكلىپ ئېلىپ كەلدى، يەنى شىنجاڭنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتلەردىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن يېزىپ چىققان.

  «ئەگەر بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇلسا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمى كۆپىيەتتى»،- ئەزا پەن شياۋيەن ئۈستەل ئۈستىدىكى قېلىن ماتېرىياللارنى كۆرسىتىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرىشىم كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر