خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 15تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى. ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭىش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى، جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سۇ خۇي تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.