خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىن ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى