باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى

2019.03.04 14:35   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭىش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى، جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سۇ خۇي تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئورتاق تونۇشلار مۇجەسسەملىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل سەھىپىلىرى ئېچىلدى، دۆلەت ئىشلىرى ئورتاق كېڭىشىلىپ، گۈللىنىش پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 15تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، ھەمدە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزالار 2157 ئىدى، ئەمەلىيەتتە 2133 ئادەم قاتنىشىپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەت بويىچە ۋە يەتتە جەھەتتىن يەكۈنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى بولسا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان بىر يىل، ھەم شۇنداقلا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ باشلانغان يىلى ھېسابلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېما ئاساسىدا، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك رەۋىشتە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئورگانلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ بېرىش، مەسلىھەت كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن كەلگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى ۋە يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

   مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر