باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇن شاۋچېڭ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى

2019.03.04 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  سۈرەتتە: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇن شاۋ چېڭ «مىنىستىرلار يولى»دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇن شاۋچېڭ 3-مارت خەلق سارىيىدىكى «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق دېدى: ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى ئۈستىدە ئاللىقاچان بىر يىلغا يېقىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، ئارگىنال تەييارلاش، ھەر تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئېلىپ بېرىلدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بار.

  سۇن شاۋچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا يانداشتۇرۇلغان بەزى نىزاملارمۇ تۈزۈلمەكتە ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەكتە. بۇ نىزاملار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر سىياسەت-قانۇن-نىزام سىستېمىسى تۈزۈلۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ.

  سۇن شاۋچېڭ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت مەركىزى رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت مەركەزلىرىمۇ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر