باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان تىنچلىقنى ياقلاش سىگنالى بەردى

2019.03.04 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت سىجىل جىددىيلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ جاي ۋاقتى 28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان پاكىستاننىڭ ئەسىرگە ئالغان ھىندىستان ئۇچقۇچىسى ئابى نانداننى 1-مارت قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پاكىستاننىڭ تىنچلىقنى ياقىلاش مەيدانىنى بىلدۈردى.

  27-فېۋرال، ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت ھاۋادا بىربىرىگە ئوت ئاچقانىدى. توقۇنۇشتا، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ مىگا-21 تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. پاكىستان ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىنى ئەسىرگە ئالدى. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بۆلۈمى ئەسىرگە ئېلىنغان بۇ ھىندىستان ئۇچقۇچىسىنى سىنغا ئېلىپ ئېلان قىلدى. سىندا ھىندىستان ئۇچقۇچىسى ئابى ناندان بىر قەدەر سالماق بولۇپ، تۇرقىدىن يارىلانمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانىدى. ئۇ يەنە «بۇ يەرنىڭ چېيى بەك تەملىك ئىكەن»لىكىنى، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىدە «چوڭقۇر تەسىر» قالدۇرغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 27-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پاكىستاننىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنى چاقىرتىپ، «پاكىستان ئەسىرگە ئېلىۋالغان بۇ ھىندىستان ھەربىي خادىمىنىڭ ھېچقانداق زەخىمگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»، ھەمدە «ئۇنىڭ بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. شۇ كۈنى، جۇڭگودا جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشىگە قاتنىشىۋاتقان ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇشما سىۋاراج، ھىندىستان ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ھىندىستان داۋاملىق «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چەك ئىچىدە» ھەرىكەت قوللىنىدۇ، دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر