باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2019-يىلى، جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى

2019.03.04 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن ئىچىلىش ئالدىدا، ئىككى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، ۋەتەننىڭ ئومۇمىيۈزلۇك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشى ۋە كۈچىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2019-يىلى، جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپك قىلىنغان چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر قېرىنداشلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەس-بەستە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق يىلى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن سىرتتىن قاتنشىدىغان چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ئىپتىخارلاندۇردى ۋە پەخىرلەندۈردى.

  فرانسىيە چىڭتيەن يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۇن شاۋروڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىز چەتئەللەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى ۋە ئىلگىرىلەۋەتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار بۇنىڭدىن ئىلھاملاماقتا.مەۋقەنى ئىگىلىك تىكلەشكە قاراتقان، 18 ياشتا فىرانسىيەگە كەلگەن سۈن شىياۋروڭ بۈگۈنكى كۈندە پارىژدا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە نوپۇزلۇق كەسىپكارغا ئايلاندى. ئۇ، مەن دائىم ۋەتەنگە قايتىمەن،ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ ھەر بىر نۇقتىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ، ھەم شەرەپلىك ھېس قىلدىم، ھەم پۇرسەتنى كۆردۈم.

  62 ياشلىق كېنىيە جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى گو ۋېنچاڭمۇ ئوخشاش تەسىراتتا بولدى.ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى ئىچىۋىتشنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلانگۈچى. 40 يىللىق شانلىق ئۆزگىرىشلەر، چەتئەلدىكى ھەر بىر جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ قەددىنى تېخىمۇ رۇسلىدى ۋە تېخىمۇ ھۆرمەتكە ئىگە قىلدى.

  ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتى فېنىكىس شەھىرىدىكى جۇڭگونىڭ تېنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنتىيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كۈچىيىشى چەتئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.مۇھاجىر قېرىنداشلار چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە ۋەتەننى پۈكۈپ، ۋەتەننىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى ۋە ئۆزگىرىشلىردىن پەخىرلىنىدۇ.

  برازىلىيە خوڭمىن جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېنجيې مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مىسلىسىز ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇقلارغا چوڭقۇر ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋەتەننىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش ۋە بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ تېنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چىن جىشاڭ دۇبەيدىن جۇڭگوغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرغا مۇنداق دىدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىمەن، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم ۋە پەخىرلەندىم، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ۋەتەننىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىگە ۋە قۇدرەت تېپشىغا ئەگىشىپ، قەددىمىزنىڭ تېخىمۇ رۇسلانغانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلماقتىمىز.

  نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، يېڭى خىرىس ئىچىگە يېڭى پۇرسەتلەر يوشۇرۇنغان.جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، چەتئەلدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ تەرققىي قىلىشنى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى ئارزۇ قىلماقتا.

  ياپونىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇاڭ شۈ مۇنداق دېدى : ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكىسى زور تەرەققىي قىلىش دەۋردە تۇرماقتا، بۇ چوڭ مۇھىت ئاستىدا، چەتئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ئۆز تەرەققىياتىدا خۇددى يۇقىرى سۈرئەتلىك پۇيۈزدا ئولتۇرغاندەك ھىس قىلدى، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ بىر قانچە يېڭى كارخانىسى پېيى ياپونىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىندى.

  جۇاڭ شۈ مۇنداق دېدى: سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما دېگەن سۆز بار، بىز ھازىر بېيىدۇق، شۇڭا ئالدى بىلەن يۇرتۇمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشىمىز كېرەك. ياپونىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسى بۇلتۇر نامراتلارنى يۆلەش تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ گەنسۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ، ماھارەت پىراكتىكانت قوبۇل قىلىش شەكلى ئارقىلىق نامرات رايونلاردىكى يېزا ياشلىرىنى ياپونىيەگە ئەۋەتىپ، تەتقىقات پراكتىكسى قىلىش ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئىگىلىك تىكلشىگە كېرەكلىك تۇجى مەبلەغقە ئىگە بولدى، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  سۈن شىياۋروڭنىڭ پارىژدىكى كەسپى بارغانسېرى مۇقىم بولشىغا ئەگىشىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، نەزىرىنى جۇڭگوغا قاراتتى.ئۇ خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە مەبلەغ سېلىپ پارچە سېتىش سودىسى ۋە ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.ئىلگىرى، فرانسىيەدىكى كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار تىككۈچىلىك، خۇرۇمچىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانتتى.بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو داۋاملىق ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا يۈزلەندى، چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار كەسىپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇستىدە ئېزدەندىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا سىڭىپ كىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «بىر بەلباغ، بىر يول » بويىدا بولۇپ، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولغان دۆلەت. چىڭ جىشاڭ، ئەرەپ بىرلشمە خەلپىلىكىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى مەككەم ئىگىلەپ، ھازىرقى بار بولغان بايلىقنى ۋە سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى يېڭىپ، تىرىشىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە، جۇڭگو دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، دۇنيامۇ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى كېرەك.مەدەنىيەتنى گۇللەندۇرۇش، كۆۋرۈك سېلىش، تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانا يايدۇرۇلماقتا. چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىمۇ جۇڭگونى چەتئەللەرگە تۇتاشتۇرۇش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.چەتئەلدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇھاجىر قېرىنداشلار كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

  مېكسىكا «خەنزۇ تىلى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باشلىقى، مېكسىكا جۇڭخۇا ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى يې تىەنخۇي مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن نۇقتىلاردا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چەتئەللەرگە ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى، قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە، ۋەتەنگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، مېكسىكا خەلقىنى جۇڭخۇا نەدەنىيتىگە يېقىنلىشىش، ئىزدىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  گو ۋېنچاڭغا نىسپەتتە ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە يولى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى.ئۇ مۇنداق دېدى : كېنىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، ئۆزنىڭ ئەۋزەل ساھەسى ۋە ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئافرىقىغا كىرگەن جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

  ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار سودا-سانائەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شىخۇا مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئىتالىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە پائال سىڭىپ كېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دۆسلۇقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

  چىن جىشاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنشىىشىم بىر ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش ۋە تولۇقلاش پۇرسىتى. مەن، ئىككى يىغىننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يىغىن مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قايتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر