باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىسلاھاتنى تىزلىتىپ يەر شارىنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى

2019.03.04 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئىسلاھات يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم فليۇگېر . دۇنيانىڭ نەزىرى بېيجىڭغا يەنە تىكىلدى، ھەممىنىڭ دىققىتى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئىسلاھات قارالمىسىغا تىكىلمەكتە.

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىمسىز بولىۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تىزلىتىپ، دۇنيا بازىرىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆزلەنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش رولىنى ئوينىدى.

  يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىسادى قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈش، يۆتكىلىشچانلىق جىددىيلىشىش، بازار ئىھتىياجى چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئېغىر خەۋىپ خەتەر ۋە سىناقنىڭ زېيىنىنى يەتكۈچە تارىتتى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئېشىش كۆزلەنمىسىنى تۆۋەنلەتتى، بۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە بازىرى داۋالغۇدى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئېھىياتچان بولۇشقا مايىل بولدى.

  بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، بېرىش باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات پايدىسىنى داۋاملىق قويۇپ بېرىپ، يەر شارى بازىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

  كىشىلەر قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن چەتئەللەر ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور سەھنە ھازىرلىغانلىقىنى كۆردى. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئومۇمى مىقدارى 90 تىرلىيون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەخمىنەن %30 گە يەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا يېڭىدىن ئېلان قىلغان 2019-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە نەزەر دوكلاتىدا بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %6.3 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇنىڭ مۇقىملىقىنى يەنىلا كۈتۈشكە بولىدۇ.

  ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفېن پېررى ئېيىتقاندەك، نەپ ئىسلاھات پايدىسىدىن كەلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا غايەت زور بولۇپ، داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلىنىدۇ.

  نورۋىگىيە جۇڭگو سودا جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېرسونمۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا قۇرۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيىتتە، جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى تۈزۈم ئىسلاھاتى ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارىنىڭ سودا تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ.

  ئىسلاھات بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە پۈتۈن يەر شارىدىكى سودا ساھەسىنى قىممەتلىك بازار ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن بىر يۈرۈش يەر شارى خاراكتىرلىق خىرىسقىمۇ تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو لايىھەسى تۆھپىسى قوشىدۇ.

  ھازىر قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگو غايەت زور سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلماقتا. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 60 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%69.8 ئاشقان. دۇنيا بانكىسىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان سودا مۇھىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى جۇڭگونىڭ رەت تەرتىپى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 32 ئورۇن يۇقۇرىلىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 15 يىلدا جۇڭگو ئىمپورت قىلغان تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت ئايرىم ئايرىم 30 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدىكەن.

  جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور مۇقىملىق تۆھپىسى قوشتى ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋىتىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  پېررى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇشۇنداق مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىتتا باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچىۋىتىشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقارغانلىقىدىن بولدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلاۋى ئەۋىج ئېلىۋاتىدۇ، يېڭى بىلەن كونا ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. جۇڭگو قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كۈچ چىقىرىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قېلىپتا يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، كۆپلىگەن يېڭى ئىگىلىك، يېڭى ھالەت، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ياراتماقتا.

  جۇڭگو بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئادىل رىقابەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ، 5G نى سودىغا ئىشلىتىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار، سانائەت ئېنتىرنىتى، ئەشيا ئوبوروتى تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيىتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقا كۆرىنىشىدە، جۇڭگونىڭ سودا قېلىپىدا يېڭىلىق ياراتقانلىقىمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا دەۋىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ھەمبەھىر ئىقتىسادنى تىز سۈرەتتە ئىلگىرى سۈردى.

  2018-يىلى جۇڭگو يۇقۇرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى %11.7 ئېشىپ، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى روشەنلەشتى. تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادى ۋەزىيەت داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلدى. جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ كاپىتال تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچ ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  خۇددى ۋېيتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى دۇ جىنسېن ئېيىتقاندەك: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئۆز رايونى ۋە دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش ماتورى ئىجاد قىلماقتا. مېكسىكىدىكى بىر داشۆنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسىسى دېرالوسا يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئىتقىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلىنىدۇ، دېدى.

  شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ئىسلاھات داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ جەزمەن جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ تاشقى ئۈنۈمىگە پايدىلىق، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگو ۋە چەتئەل بازار سوبيېكتىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، كەلگۈسىگە قارىتا تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر