باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان كۈن يېقىنلاپ قالدى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى نەگە بېرىپ نەدە توختايدۇ؟

2019.03.04 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىلىيە كېلىشىم بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىدىغان كۈن، ھازىر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشىنى كېڭەشمەكتە، «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»ىنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا ئېنىقسىزلىق بىلەن تولدى.

  ھازىر «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ ئىستىقبالىدا ئاساسلىقى «كېلىشىم»لىك ئايرىلىش ۋە «كېلىشىمسىز» ئايرىلىش ياكى ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بار.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇرۇن، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى تەستىقلىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىلالىسا، ئەنگىلىيە «كېلىشىم» ئارقىلىق ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا، كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن «ئايرىلىش ھەققى»، ئۆتكۈنچى مەزگىل قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك «ئايرىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كېيىنكى ئايرىلىش» دەۋرىدىكى ئەنگلىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى قايتا ئورنىتالايدۇ.

  ئەگەر «كېلىشىم» ئارقىلىق ئايرىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، ئەنگلىيە بەلكى «كېلىشىمسىز» ئايرىلىشنى تاللىشى مۇمكىن، بۇ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆتكۈنچە مەزگىلنىڭ يوق بولىدىغانلىقىدىن، ئەنگلىيە -ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن، ئەنگلىيە-ياۋروپا سودا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسىغا قايتىدىغانلىقىدىن، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى ئۇچرايدىغان زەربىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ھازىر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «كېلىشىمسىز» ئايرىلىشتىن ساقلانماقتا.

  ئەگەر ئەنگىلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى«ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ماقۇللىمىسا ھەمدە «كېلىشىمسىز» ئايرىلىشنى يوققا چىقارسا، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ئايرىلىشنى كەينىگە سۈرۈش سۈرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ. ئەگەر كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلسا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىر قېتىمدىلا نەچچە ئاي كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن.

  ئىرېلاندىيە چېگرا مەسىلىسى پۈتۈن ئايرىلىش كېلىشىمىدىكى تالاش - تارتىش ئەڭ چوڭ بولىۋاتقان مەسىلە، شۇنداقلا ھازىر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپ نۇقتىسى. «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئەگەر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنغان 21 ئايلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدە شىمالىي ئىرلاندىيە رايونىنىڭ سودىسى توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى لايىھەنى كېڭىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن بولمىسا، ئۆتكۈنچە مەزگىل ئاخىرلاشقاندا، «زاپاس ئورۇنلاشتۇرما» يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرلاندىيە رايونى ۋە ئىرلاندىيە بىلەن بولغان چېگراسى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق چېگراسى بولۇپ قالىدۇ. «زاپاس ئورۇنلاشتۇرما»نىڭ باش مەقسىتى- ئۇ يەردىكى قاتتىق چەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن، يەنى ئەمەلىي گەۋدە تاموژنا بېجى ۋە چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى قايتا تەسىس قىلىشتىن ساقلىنىش. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ چېكى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيە ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ، ئەنگلىيەدىكى تەنقىدچىلەر: «زاپاس ئورۇنلاشتۇرما» بەلكىم رېئاللىقتا شىمالىي ئىرېلاندىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالدۇرۇشى، نەتىجىدە دۆلەت پارچىلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم «ئايرىلىش» كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە كاپالەت بېرىشى، ياۋروپانىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي ئىرېلاندىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرېسا ماي يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇرۇن كېلىشىمنى ئىككىنچى قېتىم ئاۋازغا قويىدۇ. ئەگەر كېلىشىم يەنىلا ماقۇللانمىسا، كېيىنكى ئىككى كۈندە پارلامېنت ئەزالىرى «كېلىشىمسىز»ئايرىلىش ياكى ئايرىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر