- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى سۆز قىلدى
2019.03.04 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2- چېسلا سۆز قىلدى. بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :
بىز ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىدا جاكارلانغان تۆۋەندىكىدەك بىر مەزمۇنغا دىققەت قىلدۇقكى، ئۇنىڭدا،2018- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنغان جۇڭگو ئىمپورت تاۋارلىرىغا قارىتا، قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ باج نىسبىتى ئۆستۈرۈلمەيدۇ، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغانغا قەدەر شۇ %10لىك نىسبەت داۋاملىق ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قوللانغان يۇقىرىقى تەدبىرلىرىنى قارشى ئالىمىز، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر