باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئىشلەش − ئەڭ ياخشى تىل (بۈگۈنكى سۆھبەت)

2019.03.04 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خاتىرىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، يېزىش- قىستاڭ يېزىلغان خەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. «ئىشنى چوڭ قىلىش ئەمەس، ئەمەلىي قىلىش لازىم». ئۇ: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش، دەل جايىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم، دەيدۇ. ئەمەلىي ئىشلەشتە، ۋەكىل-ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

  ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي قىلىشتىن كەلگەن. بۇلتۇرقى ئىككى يىغىندىكى سادالار ھېلىمۇ ئېسىمىزدە: «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش»، «مەكتەپ سىرتىدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىنىپلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش»، «كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش»... بىر يىلدىن بۇيان، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى نۇرغۇن تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى مۇلازىمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، 6 مىليون 160 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش بويىچە ئىش باشلىنىپ، نىشاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى... بەرگەن ۋەدىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش، جەسۇرانە ئۈستىگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقى بار بولغاچقا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ بېيىتىلىپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر دەۋرنىڭ خىسلىتى ۋە ئۇسلۇبى ئەمەلىي ئىشلەشتىن بەلگىلىنىدۇ. سوتسىيالىزم ئەمەلىي ئىشلەشتىن كېلىدۇ، يېڭى دەۋرمۇ ھەم ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىشتا، بىز ھەممىمىزدە مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلەش روھى بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر