باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو ۋېيمىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.03.04 16:17   مەنبە: خەلق تورى

گو ۋېيمىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىن ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرى: «بۇ يىل جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئالاقىدار تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىمۇ؟ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  گو ۋېيمىن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەيدۇ. ھازىر كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىچە: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ نەزەرىيە تەتقىقاتى كۈچەيتىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىدۇ؛ تەشۋىقات سالمىقى زورايتىلىپ، سىياسىي كېڭەش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللار توپلىنىدۇ، يۈرۈشلۈك كىتابلار نەشر قىلىنىدۇ، مەخسۇس فىلىم ئىشلىنىدۇ، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋەھاكازالار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر