باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم

2019.03.05 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا، ئەڭ گەۋدىلىك يىتىشىسىزلىكمۇ يېزىلاردا». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز بازارلىشىش تېزلىشش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شەھەر-يېزا نوپۇسى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا، لېكىن يەنە 564 مىليون كىشى يەنىلا يېزىلاردا. مەركەز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىمەكتە، بۇ، يېزىلارنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە تېزراق يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

  «چوڭ دۆلەت، يەككە دېھقان» − دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە دېھقانچىلىق ئەھۋالى. 3-قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى يەككە دېھقان ئائىلىلىرى سانىنىڭ يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولغان، يەككە دېھقان ئائىلىلىرى باشقۇرۇۋاتقان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ. يەككە دېھقان ئائىلىلىرى قانداق قىلىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن جىپسىلىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، باشقۇرۇش شەكلىدە قانداق يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك؟

  ۋەكىل چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تىجارەت تۈزۈلمىسىدە قانداق يېڭىلىق يارىتىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاساسىي گەۋدىسى يەنىلا دېھقان. ئائىلىۋى ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى __ پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى، ئۇنىڭدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكىنى قوللاش مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكىگە يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئىزىغا سېلىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە يېزا تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ياخشى بولغان بولمايدۇ، يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئوبوروتقا ئىگە، مەركەزلەشكەن، كۆلەملىك ئىگىلىك دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەشتە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كۆلىمىگە ماسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى يېڭىلاش دەرىجىسىگە ماسلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  ۋەكىل چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش كېرەك». ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكىگە يار-يۆلەك بولۇش بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹دېھقان ئائىلىسى + كوپىراتىپ›، ‹دېھقان ئائىلىسى + شىركەت› مەنپەئەت زەنجىرى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقاندىن ئىبارەت كەسىپنى ئابرۇيلۇق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

  (ماقالە مەنبەسى: خەلق گېزىتى مەركىزىي ئاشخانىسى ئاچچىق-چۈچۈك ئىقتىساد خەۋىرى ئىشخانىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر