باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا جۇ يىلوڭ سۆزىدە، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش __ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى، دېدى

2019.03.05 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۇ يىلوڭ تولۇق تەييارلىق قىلىپ، بۇ يىللىق يىغىنغا تەكلىپ ئېلىپ كەلدى.

  جۇ يىلۇڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ، رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئىجتىمائىي ياردەم بېرىشىگە تايىنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئېلىمىز 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر بۇ خىزمەت ياخشى بولغان سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش ۋە كۈچلۈك ياردەم بېرىشتىن ئايرىلسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ-يوق؟ يېزىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ-يوق؟ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇقىم مەنبەنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ-يوق؟

  جۇ يىلوڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى يۆلەشتىكى كۆپلىگەن سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي يۆلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسلىقى نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە دېھقانلار ئىگىلىكى ھەم دېھقانلار ئائىلىسىگە قارىتىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە سەل قارالغان. ئەمما، ئۇزاقتىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى چارە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى، پەقەت كوللېكتىپ ئىگىلىك تەرەققىي قىلسىلا، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»

  ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى:

  تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  سىياسەت تۈزۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك.

  سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش كېرەك.

  جۇ يىلۇڭ يەنە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقلىرىغا «يېڭى دەۋر دېھقانلار تەلىم-تەربىيە پىلانى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مەۋقەنى يېزىلارنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»كە قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تەربىيەلەش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلارنى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر