باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋاڭ چى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەھسۇلات مۇلازىمىتىنى سىرتقا چىقىرىش كېرەك

2019.03.05 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:"تاشقى سودا ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولماقتا، تاشقى سودا يەنە ئالدىن كۆزلىمىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە، شۇڭا، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور." سىچۈەن ئۆلكىلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلىرى تېز يولغا قويۇلۇش نەتىجىسىدە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى بارغانسېرى يۇقىرى بولدى، ھەمدە كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنلەپ، رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. سىرتقا قارىتا كۆپ مەنبەلىك بازار ئېچىش جەھەتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، سودىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈلدى. تۈرلۈك تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ھازىر، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش داۋامىدىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئىچكى گۇمپىنى كۆپرەك مەشىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ۋەكىل ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تاشقى سودىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بازار جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچلىرىنى تولۇق قېزىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىرلىشىپ، تاشقى سودىدا قول تۇتۇشۇپ، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ياسىمىچىلىق كەسپلىرىنى مەنبەسىدىن تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناچار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ چىقىرۋېتىشنى تېزلىتىپ، ئېكسپورت بېجىنى ۋاقتىدا، تولۇق ۋە جايىدا قايتۇرۇشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا چوڭ دۆلىتىدىن سودا كۈچلۈك دۆلىتىگە يۈزلىنىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر