باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىم نۇقتىلار كەلدى!

2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە

2019.03.06 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  بىرىنچى، 2018- يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلاردا 13 مىليون 860 مىليون نامرات نوپۇس ئازايدى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتە 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلدى.

  خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى

  ئالتە مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق كەپە ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، يېزىلاردا بىر مىليون 900 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرى ئۆزگەرتىلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە ئۆستى.

  ئۈچ چوڭ جەڭ پۇختا ياخشى قىلىندى

  نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «ئۈچ چوڭ جەڭ» ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈلدى ھەم تەرتىپلىك يولغا قويۇلدى. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ياردەم بېرىش كۈچەيتىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستۈرۈلدى.

  خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ تۇرغاندىلا، خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەك. كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا قىيىنچىلىق بىر قەدەر كۆپ.

  ئىككىنچى، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

  بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى

  10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەملىك قىلىش.

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا ھازىرقى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش.

  ئۈچىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ 2019-يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى

  1. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشقانلارنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ بېجىنى ئۈچ يىل ئىچىدە نورمىلىق كېمەيتىش.

  2. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىگە توغرىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش.

  3. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى قوللاش. كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر