باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇ يارقىن مەنزىرىنى ياخشى قوغداش لازىم

2019.03.06 16:30   مەنبە: خەلق تورى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇ يارقىن مەنزىرىنى ياخشى قوغداش لازىم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، يېشىل تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇ يارقىن مەنزىرىنى ياخشى قوغداش لازىم.

  شى جىنپىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن چاۋاك چالدى. ئېۋېنكې ۋەكىل شى جىنپىڭغا كۆڭ رەڭلىك خادا ھەدىيە قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلار ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  جاڭ جىشىن، يۈ لىشىن، لى يۈلياڭ، سو شۇخۇي، ۋۇ يۈنبو، جاۋ جياڭتاۋ، ليۇ ياشېڭ، گوڭ مىڭجۇ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ «باشلامچى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىگىلىكى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي قوللايمەن، دېدى.

  شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر