باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى بىر تۇتاش ئىشقا سېلىندى ۋە ئالماشتۇرۇلدى

ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق كارخانىلار ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ

2019.03.05 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بازار سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش تىزىملاشنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، 3- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېڭىنۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىر تۇتاش ئىشقا سالدى ۋە ئالماشتۇردى. ئىلگىرى ساقلىنىپ قالغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ئەسلىي نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ، يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى ئۆلچەملىك كود ۋە ئېلان قىلىش سىستېمىسىنىڭ يوچۇقسىز ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا "ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق 'دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى'غا كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ تىزىملاش، ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىجازەت بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش"كە بولىدىغان ئەسكەرتىش سۆزى قوشۇلدى. بۇنىڭدا، ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق، مۇشۇ كارخانا ئېلان قىلغان ئۇچۇرنى تېزدىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشىگە قولايلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەلەپچان بولۇشى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ. يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى بۇنىڭدىن كېيىن تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ھەمدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملارنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەم شۇنداقلا ھازىرقى ئىشلارنىڭ ئۆزگۈرمەسلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، غەيرىي شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، شېرىك كارخانا، دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، شەخسىي شېرىكسىز كارخانا، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، تۈرلۈك قانۇنىي ئىگىسىز كارخانىلار، شۆبە شىركەتلەر، تارماق ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارغا تەتبىقلىنىدۇ، بۇ ھەم جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى بازار سۇبيېكتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تىزىملاش تۈرى، ئاساسىي تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە جاۋابكارلىق شەكلى قاتارلىقلارنى تېز ئىگىلەش ۋە پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان بولىدۇ، ھەم تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خاراكتېرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر