باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مىللىي رايونلار ۋە نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى

2019.03.06 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، مىللەتلەر ئېجىل-ئىناق ئۆتۈشىمىز، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەڭكەش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللىي رايونلار ۋە نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، 56 مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر