باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەھەللە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا قارىتا باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.03.06 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىلىرىنى تونۇشتۇرغاندا، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ئايلىنىشىنى كۈچلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەش لازىم. ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج كېمەيتىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەخمىنەن 80 مىليون باج تاپشۇرغۇچىنى باج كېمەيتىش سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش لازىم. ئىستېمال ئېھتىياجىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كۆپ يوللار بىلەن كۆپەيتىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى تېز تۈگىتىش لازىم.

  مەملىكىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان نوپۇس 250 مىليونغا يەتتى. كۈتۈنۈش، بولۇپمۇ مەھەللىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەھەللىلەردىكى كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى، تاماق ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاپپاراتلارغا قارىتا، باج- ھەقنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، مەبلەغ ياردىمى، سۇ ، توك، گاز، ئىسسىنىش باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق يار-يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش لازىم، كۈتۈنۈش بىلەن داۋالىنىشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك قىلغاندا، كېيىنكىلەرنىڭ تەلپۈنىدىغان كەلگۈسى بار بولىدۇ.

  بوۋاقلار، گۆدەكلەرگە قاراش تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يېڭى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بوۋاقلارغا قاراش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەرۋىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قۇرۇشىنى قوللاپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش لازىم. ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش لازىم. ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توردىكى ۋە ئەنئەنىۋى ئىستېمالنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېزا ئوبوروت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش لازىم. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، قولايلىق ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر