باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇتېررېس خەلقئارا جەمئىيەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى

2019.03.07 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 6- چېسلا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەسسىلەپ تىرىشىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

  گۇتېررېس شۇ كۈنى قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: جىنس باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بەزى ساھەلەردە، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئاياللارنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى، لېكىن، بۇ ئىلگىرىلەشلەر يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.

  گۇترېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىنس باراۋەرلىكى ماھىيەتتە بىر ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيا يەنىلا ئەرلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۇنيا بولىۋاتىدۇ، كىشىلەر ناۋادا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەممە ئادەمگە پايدىلىق ئورتاق نىشاندۇر، دەپ قارىغاندىلا، ئاندىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭا، ئىسلاھاتنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك، تېز ۋە ئۈزۈل-كېسىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  گۇترېس مۇنداق دېدى: ھازىر ئاياللاردا پەن-تېخنىكا، قۇرۇلۇش، ماتېماتىكا ۋە لايىھەلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرىنىڭ سانى يەنىلا بىر قەدەر ئاز بولىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ شەھەر پىلانلاش، قاتناش ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە تەدبىر بەلگىلەش رولىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرۇشى بولسا، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، ئاياللارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر