باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىسىدىكى سىياسەت «مەخپىي سىفىرى»: خەلق تۇرمۇشى ئەلا، مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد

خۇاڭ زىجۈەن، ۋاڭ رۈيخۇا، جاڭ زىجيەن

2019.03.07 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش — خەلق تۇرمۇشىنىڭ نېگىزى، بايلىقنىڭ مەنبەسى».

  «مۇقىم ئاشۇرۇشتا، مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش»

  «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولۇپ كىرىم كۆپەيسە، بىز تېخىمۇ ئىشەنچكە تولىمىز»… بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، تۇنجى قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلۇپ، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلق تورى جامائەت پىكرى ۋە ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 5-مارتتىن 6-مارت سائەت 8گىچە، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» تېمىسىدىكى خەۋەر 4362 پارچىگە، ئۈندىدار ماقالىسى 9244 پارچىگە، APP ماقالىسى 2776 پارچىگە، مۇنبەر ماقالىسى 143 پارچىگە يەتكەن.

  دىققەت قىلشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى تۇنجى قېتىم ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلدى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىدىن قارىغاندا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ___ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كۆرسەتمىسىگە ئايلانماقتا.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى يۇقىرى ئۆرلەپ، ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلدى، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  ئىلگىرىكى يىللاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئەسلىسەك شۇنى بايقىماق تەس ئەمەسكى، ئىلگىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» خەلق تۇرمۇشى بۆلىكىدە كۆرۈلەتتى، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئۇ تۇنجى قېتىم ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلدى.

  بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  بۇنىڭ جاۋابى يەنىلا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا كۆرۈلىدۇ: «ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىزدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مىقدارىنىڭ بېسىمى يەنىلا ئېغىر، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇپ، يېڭىدىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.»

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلدى: مۇقىم ئاشۇرۇشتا، مۇھىم بولغىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، تىرىشىپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئەمەلىي كۆلەمگە يېتىلىدۇ ھەم شەھەر–بازارلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم يېزا ئىگىلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلىنىدۇ.

  ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شياڭ يۈنخۇا مۇنداق دەپ قارايدۇ: تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەسلىدە ماكرو ئىقتىسادتىكى تۆت چوڭ كۆرسەتكۈچنىڭ بىرى (يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئەھۋالى) بولۇپ، لېكىن ئىلگىرى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى چېڭ يوڭبو مۇنداق دەپ قارىدى: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېزلىتىلگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ» رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر