3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋاڭ شۇي سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يىغىننى ئاڭلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋاڭ شۇي جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش سىستېمىسىغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئانا-بالىلار ساغلاملىقى سېستىمىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، رايونلار ئارا داۋالاش سەۋىيەسى ۋە شەھەر-يېزا داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ، كىلىنىكىلىق داۋالاش بىلەن ساقلىقنى ساقلاشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۈستىگە ئالغان ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئانا-بالىلار ساغلاملىقى ئىشلىرىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى