باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى

نامرات دەۋالاشقۇچىلارنى ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

2019.03.08 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-مارت ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىشىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش خىزمىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تارقىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش جەريانىدا نامرات دەۋالاشقۇچىلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشقان.

  پىكىردە نامرات دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دائىرىسى بېكىتىلىپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن دېلو بېجىرىش جەريانىدا دېلوغا ئالاقىدار كىشىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئېغىر يارىلىنىپ ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇپ، زىيانكەشلىك قىلغۇچى قازا قىلىپ ياكى تۆلەم ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن دەۋا ئارقىلىق تۆلەمگە ئېرىشەلمەي، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان؛ جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا داۋالاش-قۇتقۇزۇش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەن قاتارلىق يەتتە خىل ئەھۋالنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى بايقالسا، شۇنداقلا ئارخىپ تۇرغۇزلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىگە تەۋە دەۋالاشقۇچى بولسا، ئۇلارنى نامرات دەۋالاشقۇچى دەپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر